Uyghur主要词典
قارا تاغلىقلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
17 - ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن تەسەۋۋۇپچى مەزھەپ. بۇنىڭغا قەشقەردىكى خوجا جەمەتىدىن ئىسھاق باشچىلىق قىلغان. 1682 - يىلىدىن 1759 - يىلىغىچە ئاق تاغلىقلارغا قارشى كۈرەشتە ئۇلار يەكەن خانلىقىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىدىن، بىر قىسىم قازاق، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى بۆلۈپ ئىدارە قىلدى. يەكەن رايونىنى يەتتە يىل باشقۇردى. كېيىن جۇڭغارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئەمەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى 53 يىل قولىدا تۇتتى. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە قارا تاغلىق خوجىلارنى بۇرھانىدىن باشچىلىقدىكى ئاق تاغلىقلار قورشاپ قىرغىن قىلدى. ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن ئامان قالغانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەرغىلانغا قېچىپ كەتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارا تاغلىقلار چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاغلىقلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش رولىنى ئويناپ، خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ ئىستىقامەت شەكلىنى بۇ مەزھەپنى قۇرغان ئىسھاق خوجا تەشەببۇس قىلغاچقا، ئۇلار ئىسھاقىيە دەپ ئاتالدى. كۈندىلىك نامازغا سوپى (ئىستىقامەت قىلغان شاگىرت) باشچىلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن كەلمەسانا ئوقىدى ياكى زىكر سالدى. ھەر قېتىم مازار تاۋاپ قىلغاندا <قۇرئان كەرىم> ۋە كەلىمە سانا ئوقۇش بىلەن بىللە ئۇسۇل ئوينىدى؛ ئىشانلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويدى. ئىشان، سوپى، خەلىپە، ھاپىز قاتارلىق دىنىي ۋەزىپىلەرنى تەسىس قىلدى. ئۇلار گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى جەھرىيەنىڭ تارماق سۈلۈكلىرى بىلەن مۇئەييەن مەنبە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.