Uyghur主要词典
قارا بۈركۈت ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1832 - يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمتىنىڭ ھازىرقى ئىللىنويس شتاتىدا ئولتۇراقلاشقان ئىندىئانلارنىىڭ قەبىلە باشلىقى قارا بۈركۈت (1767 - 1838) رەھبەرلىك قىلغان سوك قەبىلىسى ۋە فوكس قەبىلىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1831 - يىلى زور بىر تۈركۈم ئاق تەنلىك كۆچمەنلەر بۇ ئىككى قەبىلە ئولتۇراقلاشقان مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلارنى تارتىۋېلىپ، قارا بۈركۈت قەبىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ دەريانىڭ غەربىگە يەنى ھازىرقى ئايۇۋا شتاتىغا كۆچۈشكە مەجبور بولغان. 1832 - يىلى قارا بۈركۈت بىرقانچە يۈز ئادەمنى باشلاپ دەريانىڭ شەرقىگە قايتىپ كېلىپ، ھازىرقى ۋىسكونىسن شتاتىدا ئولتۇراقلاشقان ۋىنبىگ قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئىللىنويىستاقوناق تېرىماقچى بولغاندا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. قارا بۈركۈت بەختكەقارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا، ئۇنىڭ قالغان ئادەملىرى ۋىسكونىسىنغا چېكىنگەن. 9 - ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمتى سوكلار بىلەن فوكسلارنى شەرتنامە ئىمزالاپ ئايۇۋانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردىن چىقىپ كېتىشكە مەجبور قىلغان، شۇنداقلا ۋېنبىگلارنىمۇ ۋىسكونىسىندىكى يەرلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان شەرتنامىنى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان.