Uyghur主要词典
قاپلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۈستىنى، سىرتىنى قاپ ياكى باشقا نەرسە بىلەن ئورىماق، يۆگىمەك، تاشلىماق.
ياستۇقنى قاپلىماق.
ئۇ كۈلسىلا ئالتۇن بىلەن قاپلىغان بىر نەچچە چىشى كۆرۈنۈپ قالاتتى.
ئۈستىنى ياكى ھەممە يېرىنى ئورىماق، باسماق.
ئاسماننى قارا تۈتەك قاپلىدى.
ھەممە يېرىگە تارالماق، ھەممە يېرىنى ئىگىلىمەك.
پۈتۈن يېزىنى مېنىڭ توغرامدىكى گەپ - سۆزلەر قاپلاپ كەتتى.
كۆچمە. ئورنىنى تولۇقلىماق.
كىرىم چىقىمنى قاپلىيالمىدى.