قاپلاشماق [يەشمىسى:] ① «قاپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىكى يىغىن تەييارلىقى ئۈچۈن خىزمەتچىلەر ئۇخلىماي ئىشلىدى، قولمۇقول تۇتۇپ ساپا، ئورۇندۇقلارنى يېڭى رەختلەر بىلەن قاپلاشتى. [يەشمىسى:] ② تولماق، تىقىلماق، توسۇلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى ئۇرۇشقا باشلىدى، دېمى سىقىلىپ، چاناقلىرىغا ياش قاپلاشتى.