Uyghur主要词典
قان سۇيۇقلۇقى
بىئولوگىيە
بۇ بىر خىل سۇيۇق ھالەتتىكى، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئىچىدە ئاقما ھەرىكەت قىلىدىغان توقۇلما بولۇپ، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇمۇ باشقا بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارغا ئوخشاش ھۈجەيرە (قان ھۈجەيرىسى) ۋە ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسى (قان پلازمىسى) دىن تەركىب تاپقان. چوڭ ئادەمنىڭ قان سۇيۇقلۇقى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن ئۈن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، بوۋاقلارنىڭ ئازراق. قان سۇيۇقلۇقىدا ھەر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئوكسىگېن، نىئورگانىك تۇز، مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى، گورمونلار، ئېنزىم ۋە ئانتىتېلا قاتارلىقلار بولىدۇ. توقۇلمىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەش، زىيانلىق ماددىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش قاتارلىق روللارغا ئىگە. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبى ئادەتتە ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ياكى پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا قان ئانالىزى كلىنىكىلىق دىئاگنوزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.