Uyghur主要词典
قان سىنۇسى
بىئولوگىيە
(1) ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى قان سۇيۇقلۇقىغا تولۇپ تۇرىدىغان توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقى. ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن تۈزۈلۈشى تولۇق ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن بوغۇم تەنلىك ھايۋانلاردىن زۇلۇكلارنىڭ قان سىنۇسى توقۇلمىلارنىڭ تەن بوشلۇقىغا كىرگەن ۋە ئۇنى تولدۇرغاندىن كېيىن قېپقالغان بوش ئارىلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى (ئەمەلىيەتتە تەن بوشلۇقى سۇيۇقلۇقى) غا تولۇپ تۇرىدۇ. دۈمبە سىنۇسى، قورساق سىنۇسى ۋە ئىككى تەرەپتە يان سىنۇسلىرى بولىدۇ، دۈمبە قان تومۇرى بىلەن قورساق قان تومۇرى ئايرىم ھالدا دۈمبە - قورساق سىنۇسلىرىدا بولىدۇ؛ مولليۇسكلارنىڭ ھەقىقىي تەن بوشلۇقى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، قان سىنۇسى، ئارتېرىيە نەيچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى كېڭىيىپ نەيچە دىۋارى بولمىغان ھالدا شەكىللەندۈرگەن توقۇلمىلار ئارىسىدىكى قان سۇيۇقلۇقىغا تولۇپ تۇرغان قېلىپسىز شەكىلدىكى دەسلەپكى تەن بوشلۇقى ئارىلىقلىرىدىن ئىبارەت؛ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش نەيچىسى بىلەن تەن دىۋارى ئارىلىقىدىكى چوڭ تىپتىكى قان سىنۇسى دەسلەپكى تەن بوشلۇقىدىن ياكى دەسلەپكى تەن بوشلۇقى بىلەن ھەقىقىي تەن بوشلۇقىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى ئارتېرىيىدىن ئېقىپ كىرىپ پۈتۈن تەن بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ، شۇڭا يەنە <قان بوشلۇقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (2) ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئورگانىك توقۇلمىلىرىدىكى كۆپكەن ھەم قېلىپسىز شەكىلدىكى كاپىلليار قان تومۇرلىرى. قان تومۇر دىۋارىدا پەقەت بىرلا قەۋەت ياپىلاق ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، جىگەر قان سىنۇسى، تال قان سىنۇسى، يىلىك قان سىنۇسى، ئىچكى ئاجرالما بەزلىرىدىكى قان بەزلىرىدىكى قان سىنۇسى قاتارلىقلار.