Uyghur主要词典
قان كاللاكلىشىش رېئاكسىيىسى
领域: بىئولوگىيەئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە بەزى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى. قاننىڭ كاللەكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇنلىغان ۋىرۇسلار (مەسىلەن، يېپىشقاق ۋۋىرۇس. قوشۇمچە يېپىشقاق ۋىرۇس، غالجىر ئىت ۋىرۇسى قاتارلىقلار) نىڭ يۈزىدە گېماگلوتىنىن بولىدۇ، توخۇ، كىرپە، چاشقان ۋە ئادەم قاتارلىقلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىدە گېما گىلوتىننىڭ قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىرىكىپ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ كاللەكلىشىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ رېئاكسىيەئاتىتېلا بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، بەزىدە باشقا قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ خىل رېئاكسىيىنىڭ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ۋىرۇسنىڭ ۋالېنتىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى ئېرىشچان ئانتىگېن (ياكى ئانتىتېلا) ئالدى بىلەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە بىرىكىپ، ئاندىن ماس ھالدىكى ئانتىتېلا (ياكى ئانتىگېن) بىلەن ئالاھىدە بىرىكىش ئارقىلىقمۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق پەيدا بولغان رېئاكسىيە ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيسى ياكى پاسسىپ قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。