Uyghur主要词典
قانلىق ئىتتىپاق ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئوڭ قانات تەشكىلاتى - قانلىق ئىتتىپاقنىڭ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش تېرورلۇق ۋەقەسى. 1932 - يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەلق ئىشلىرى پارتىيىسى سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىنوئۇئې جۇننوسۇى ئىباراكى ناھىيسىدىكى ياش دېھقان ئونۇما ئوسا تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان. شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مىتسۇئى بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت باشلىقى دەن تاكۇمامۇ مۇشۇ ناھىيىدىكى بىر يېزىلىق ياش ھىشىنۇما گورو تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ساقچى ۋازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ئىككى جىنايەتچىنىڭ كەينىدە بىر مەخپىي تېررورلۇق تەشكىلاتى - <قانلىق ئىتتىپاق>نىڭ بارلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى - ئىنوئۇئى نىسشو (1886 - 1967) ئىكەنلىكى، ئەزالىرىدىن 14 كىشى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسى ياش ئەزىمەتلەر گۇرۇھىنىڭ ئوفىتسىرلىرى بىەن مەخپىي سۈيىقەست پىلانلاپ، <بىر ئادەم بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش> فاڭجېنىنى قوللىنىپ، ئىنوئۇئې ۋە دەندىن باشقا، يەنە ۋاكاتسۇكى رېجىرو، سايئونجى كىمموچى، ئىكېدا شىگىېئاكى، توكۇگاۋا ئىبساتو قاتارلىق 20 نەچچە كىشىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە تەييارلىنىپ، <پەۋقۇلئاددە ۋاستىلەر>نى قوللىنىش ئارقىلىق، <پارتىيە، مالىيە زومىگەرلىرى ۋە ئىمتىيازلىق سىنىپ قاتارلىق كونا كۈچلەرنى ئاغدۇرۇپ>، <پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ بىللە باشقۇرۇشى>نى <ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش>قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. كېيىن بارلىق ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. 1933 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ سوراق قىلىنغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا ئىنوئۇئى، ئونۇما، ھىشىنوماغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغانلارغا ئايرىم - ئايرىم ئۈچ يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1940 - يىلى 11 - ئايدا، ھەممىسى ئومۇمىي كەچۈرۈمگە ئىگە بولغان.