Uyghur主要词典
قالتىس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. ئىنتايىن، ناھايىتى، بەك، تولىمۇ.
قالتىس بېخىل ئادەم. قالتىس بەلەن گەپ.
رەۋ. كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە، كۆزگە كۆرۈنەرلىك، ئالاھىدە، قاتتىق.
- ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قالتىس ئىشلىدىم، - دەپ ماختاندى ئۇ.
بۇ كۈنلەردە ناسىرنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ قالتىس بولۇپ كەتتى.
سۈپ. جاھاندا بىر، كارامەت؛ بەك ياخشى، ئاجايىپ.
قالتىس مۆجىزە.
سەن ئۆزۈڭنى مەن قالتىس زىيالىي دەپ چاغلايدىغان ئوخشىمامسەن؟