Uyghur主要词典
قايرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغىنى بىلەيگە سۈركەپ ئىتتىكلەتمەك.
پىچاق بىلىمىسە گاللىشىدۇ. _ تاش بىر نېمىنى كېسەلمىگىنى بىلەن، شەمشەرنى بىلەپ ئىتتىك قىلالايدۇ. ئۇرۇش باشلانغاندا قىلچىڭنى چاقلىساڭ كېچىكىسەن. ئىككى ياخشى بىر بولسا، تىنچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق قايرايدۇ. ئۇستىراڭنى كاپلاپ تۇر.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
بىلمەك، ئارقىسىغا ياندۇرماق. مەسىلەن: پىچاقنى قايرىماق، قوينى قايرىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۈز ياكى بىرەر يۆنىلىشتىكى نەرسىنى ئالدىغا، كەينىگە ياكى يېنىغا قارىتىپ ئەگمەك.
دەرەخ شېخىنى قايرىماق. قولنى قايرىماق.
تولغاپ، بۇراپ ئۆزىگە روبىرو قىلماق.
يار بولسا تۈزۈك بولسا، بەش قولىدا ئۈزۈك بولسا، دوست - دۈشمەن ئارىسىدا، قايرىپ سۆيگۈدەك بولسا.
پۈكمەك، قاتلىماق.
ئۇ ئۇزۇن چاپىنىنىڭ پېشىنى قايرىپ بېلىگە قىستۇرۇۋالغانىدى.
توسۇپ تۇرىدىغان بىرەر نەرسىنى بىر يېنىغا تارتىپ ئاچماق (پەردە، مىلەڭزە قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇ ۋارقىرىغىنىچە ئاق ئۆينىڭ كىگىز ئىشىكىنى قايرىپ سىرتقا چىقتى.
بۇرىماق، ئايلاندۇرماق، باشقا تەرىپىگە يۆنەلدۈرمەك.
ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر ئىتتىك كېتىۋاتقان ئېتىنىڭ بېشىنى قايرىپ، يېزا تەرەپكە يو ل ئالدى.
كۆچمە. بۆلۈپ ئالماق، تۇتۇپ قالماق.
ھەر قېتىم غەللە سانىغاندا كەم بولغاندا 50 يۈەن قايرىپ قالاتتىم.