Uyghur主要词典
قاياش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇق، نەسىل، قېرىنداش؛ دوست:
ئەي قاياشىم قۇلاق سال بۇ پەندىغە،
گەپنى ئاز قىل ئېرشاد ئېرسەك قەندىغە.
خاراباتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇق، نەسىل؛ قەبىلە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تويدا يىگىت، قىزغا يولداش بولغۇچى.
ھەر ئىشتا بىللە بولغۇچى، ياردەم قولىنى سۇنغۇچى، مەدەت بەرگۈچى.
يىگىت قولدىشى: قىز قولدىشى. ياخشى بىلەن بولساڭ يولداش، ئېغىر ئىشڭغا بولار قولداش. ئاغرىق ئاشتىن كېلەر، بالا قاياشتىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئومۇمەن بىر - بىرىنىڭ ئەھۋالىنى، كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، بىر - بىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان يېقىن كىشىلەر، ئۆز خىلى.
كەمبەغەلنىڭ قاياشى كەمبەغەل (ماقال).
شەپقەتچى، نىجاتچى، باشپاناھ.
ھېكايىنى ئاڭلاپ بولۇپ دېدىم مەن شۇئان: كەمبەغەلگە قاياش ئىكەن بىزنىڭ ئەخمەتجان.