Chinese→Uyghur主要词典
朴正熙
دۇنيا تارىخى
پارك - چۇڭ - خېي
(1917 - 1979)جەنۇبىي چاۋشىيەن زۇڭتۇڭى (1963-1979). كيۇڭساڭ بۇكدونىڭ شەنشەن ۋىلايىتىدىن. 1937-يىلى تائېگو پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.1940-يىلى قورچاق مانجۇرىيە شىنجىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە كىرگەن، 1942-يىلى ياپونىيىگە بېرىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى مەخسۇس كەسپىدە ئوقۇغان. 1944-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قورچاق مانجۇرىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسدە ئوفىتسېر بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، چاۋشىيەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇپ، 1946-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.1950-يىلى ئامېرىكىنىڭ چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسى بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1953-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، توپچى ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچى ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچى ئەسكەرلەر قوماندانى بولغان. 1957-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچى ئەسكەرلەر قوماندانى بولغان. 1957-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن جۇنتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ھەربىي لازىمەتلىكلەربازىسىنىڭ قوماندانى، ئىككىنچى ئارمىيىنىڭمۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1961-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ <دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئالىي كومىتېتى>نىڭ رەئىسىبولغان. 1962-يىلى 3-ئايدا زۇڭتۇڭ يىنپۇشەننىڭ ئىستېپا بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە دەرھال <پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەت بويرۇقى> ئېلان قىلىپ، ئىشچىلارنىڭئىش تاشلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاشلىشىنى مەنئى قىلغان. سىرتقا قارىتا، ئامېرىكىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئەگىشىپ، ۋيتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاۋشىيەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، <ياپونىيەچاۋشيەن شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان. 1978-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيەگېنېرالى بولغان، ئىككىنچى يىلى 10-ئاينىڭ26-كۈنى قول ئاستىدىكى خادىم، مەركىزىي ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جىنزەيگۈي تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.