Chinese→Uyghur主要词典
朴次茅和约
دۇنيا تارىخى
پورتسمۇت سۈلھ شەرتنامىسى
روسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، جوڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە چاۋشىيەننى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پورتسمۇتتا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياپونىيە -روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، روسىيەئۇرۇشتا يېڭىلگەن. 1905 - يىلى روسىيىدە ئىنقىلاب پارتلاپ، كاپىتالىستىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىنقىلاب كۈچلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تېئودو روزۋېلت ئوتتۇرىغا چىقىپ كېلىشتۈرگەن. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئومۇرا جۇتارو ياپونىيەنىڭ باش ۋەكىلى، ۋىت روسىيەنىڭ باش ۋەكىلى بولغان. 9 - ئينىڭ 5 - كۈنى شەرتنامىنى ئىمزالىغان. تولۇق تېكىستى 15 ماددا بولۇپ، يەنە ئىككى نۇقتىلىق ماددا قۇشۇمچە قىلىنغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: (1)روسيە جۇڭگودىن قولغا كىرگۈزۈۋالغان پورتاتور (لۈيشۇن) ۋە داليەننىڭ ئىجارە ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ (2)روسىيە چاڭچۈندىن لۈيشۈن ئېغىزىغىچە بولغان تۆمۈريول ۋە ئۇنىڭ تارماق لىنىيلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ (3)روسىيە ياپونىيىنىڭ چاۋشىيەندىكى سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەل مەنپەئەتنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ياپونىيىنىڭ چاۋشىيەنگە بولغان ھامىيلىقى ۋە نازارىتىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق؛ (4)روسىيە ساخالىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ سۈلھ شەرتنامە 1945 - يىلى بىكار قىلىنغان.