Uyghur主要词典
پۇتوشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
领域: جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارپۇتوشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جېجياڭ ئۆلكىسى پۇتوشەن ناھىيىسى تەۋەسىدە بولۇپ، جۇڭگودىكى بۇددا دىنى تۆت چوڭ تاغنىڭ بىرى. بەش دەۋردە «ئادەمنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدىغان شەپقەتچى بۇددا ئىبادەتخانىسى» بىنا قىلىنغاندىن كېيىن، كېيىنكى دەۋرلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىبادەتخانىلار قەد كۆتۈرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە پۇچى، فايۈ ۋە خۇيجىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىبادەتخانا چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە جەنۇب تەرەپتە سالغان ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش توپىنىڭ تىپى ھېسابلىنىدۇ. پۇتوشەن تېغى تۆت ئەتراپى دېڭىز، تاقىم ئاراللار بىلەن ئورالغان، زۇمرەت دېڭىز، زەڭگەر ئاسمان ھۆسن قوشقان، مەنزىرىسى ئۆزگىچە تاغ بولۇپ، «دېڭىزدىكى بۇددا دۆلىتى» دېگەن نامى بار. شۇڭا قەدىمكىلەر «تاغ بىلەن دېڭىز بىرلىشىپ، پۇتوشەن تېغىنى جۇلالاندۇرىدۇ» دېيىشىدۇ. ئاراللاردا چيەنبۇشا، بەيبۇشا ساھىلى ۋە چاۋيىن ئۆڭكۈرى، چۇيىن ئۆڭكۈرى، نەنتيەنمېن قوۋۇقى، شىتيەنمېن قوۋۇقى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن20 نەچچىسى بار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。