Uyghur主要词典
پۇتلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يول يۈرگەندە، ماڭغاندا پۇت بىرەر نەرسىگە ئۇرۇلۇپ ياكى تاقىشىپ مۈدۈرۈلمەك.
ئەپەندىم بازارغا كېتىپ بېرىپ، بىر تاشقا پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ.
كۆچمە. بىرەر پېشكەللىك، ئوڭۇشسىزلىق، كېلىشمەسلىكلەرگە دۇچ كەلمەك، يولۇقماق.
ئۇ ئادىلنىڭ بىرەر ئىشقا پۇتلىشىپ كېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ يۈردى.
پۇتلىكاشاڭ، توسقۇن بولماق، تاقاشماق.
سەن مېنىڭ ئىشىمغا تولا پۇتلاشما!