Uyghur主要词典
پۇرۇپكا
بىئولوگىيە
پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ھاسىل قىلغان كېيىنكى قوغدىغۇچى توقۇلما. ئۇ يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز ۋە غولى توملاشقاندىن كېيىن تەن يۈزىدە ئەسلىدە بار بولغان ئېپىدېرمىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپ قەۋەت نۇرسىمان تىزىلغان ياپىلاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ھۈجەيرىلىرى زىچ تىزىلىدۇ، ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقى بولمايدۇ (قوۋزاق تۆشۈكىدىن باشقا). يېتىلگەن پۇرۇپكا ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈك بولۇپ، ھۈجەيرە پوستى پۇرۇپكىلاشقان بولىدۇ. سۇ ۋە ھاۋانى ئاسان ئۆتكۈزمەيدۇ، ئېلاستىك بولىدۇ؛ پروتوپلازمىسى يىمىرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھۈجەيرە بوشلۇقىغا ھاۋا ياكى دەرەخ مېيى ۋە تاننىك قاتارلىق ماددىلار تولۇپ تۇرىدۇ. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ قوغداش ئىقتىدارىنىڭ ئېپىدېرمىدىن كۆپ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۇرۇپكا ئۈستىدىكى قوۋزاق تۆشۈكى تەن ئىچىدىكى ھاۋا بىلەن تەن سىرتىدىكى ھاۋانى ئالماشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەل - دەرەخلەرنىڭ سىرتىدىكى قاتتىق قوۋزاق ئاساسەن پۇرۇپكىدىن تۈزۈلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، پۇرۇپكىلىق كاشتان، پۇرۇپكىلىق دۇپ دەرىخى، پۇرۇپاك دەرىخى قاتارلىقلار) نىڭ پۇرۇپكىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ، ئادەتتە يۇمشاق ياغاچ دەپ ئاتىلىدۇ، سانائەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
<بوت> ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ۋە يىلتىزى چوڭايغاندىن كېيىن تېنىنىڭ سىرتىدا ھاسىل بولىدىغان قوغدىغۇچى توقۇلما. ئۇ پارقىراق ۋە يېنىك بولىدۇ، سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، ئېلاستىكىلىقى يۇقىرى بولىدۇ؛ توك، ئىسسىقلىق ۋە ئاۋاز قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆتكۈزمەيدۇ. سانائەتتە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ.
بوتۇلكا، شېشە ۋە ئىدىش قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈن پۇرۇپكا دەرىخىدىن ياسالغان قاپقاق، ياپقۇچ.