Uyghur主要词典
پۇراش سەزگۈسىنىڭ دەرىجىسى
پسىخولوگىيە
پۇراق سەزگۈسىنىڭ مۇتلەق چېكى غىدىقلىغۇچنىڭ پۇراش سېزىمىنى قوزغىيالىغان مىقدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، پۇراقنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى پۇراش سەزگۈسىنى ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. بىر لېتر ھاۋادا پۇراقلىق جىسىمنىڭ مىللى گراملىق سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مىقدار پۇراش سەزگۈسىنىڭ كوئېففېنتسېنتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن : سۈنئىي ئىپارنىڭ پۇراش سەزگۈسى كوئېففېنتسېنتى 0.00004، بۇ بىر لېتر ھاۋادا پەقەت 0.00004 مىللىگرام جىسىم بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى كىشى پۇراپ بىلەلەيدۇ، بىر خىل نەرسىنىڭ پۇرىقىن سېزىش دەرىجىسى ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ، بىر كىشىنىڭ پۇراش سەزگۈسىنىڭ دەرىجىسىدىمۇ مۇھىت شارائىتى ۋە جىسمانىي ئەھۋالىغا قاراپ خېلى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。