Uyghur主要词典
پۇراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇراش ئەزاسى بۇرۇنغا سېزىلىدىغان شەكىلسىز، رەڭسىز نەرسە.
گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىدىن باشقا، تىڭىنىمۇ بار. گېزىت خەۋىرى؛ ئامىرىكا ئالىملىرى يېقىندا پۇرقنىڭ ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. گۈلنىڭ ھىدى رەڭگىدىن ئەمەس. گۈل سولار، ھىدى قالار. چىرالىق گۈلنىڭ خۇش بۇي بولۇشى ناتايىن. يىراقلاردىن گۈللەرنىڭ ئىسى بۇرۇنغا ئۇرۇلاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇراش سېزىمى ئارقىلىق سېزىلگەن ھەرخىل ھىد.
مەززىلىك پۇراق. سېسىق پۇراق.
كۆچمە. سۆزدە، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىقلاردا ئۆزگىچە بىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت؛ ئۇسلۇب.
مەتتۇرسۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن خوتەن تىلى دىئالكېتىنىڭ پۇرىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.