Uyghur主要词典
پۈتۈم بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان سۆز بولۇپ، پۈتۈم ئارقىلىق ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەنەفىيەنىڭ ۋارىسلىق توغرىسىدىكى ئەھكامىدا قوشۇمچە ۋارىسلارنىڭ بىرىنچى رېتىگە تىزىلغان. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ: (1) قۇلدارنىڭ قۇلنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى خېتىگە ئاساسەن، قۇلنى ئازاد قىلىدىغان مىراسقا ئىگە بولىدىغان ۋارىسلىق ھوقۇقى؛ (2) ئا پۈتۈمگە ئاساسەن ب غا ۋەكالىتەن گۇناھىنى يۇيدىغان دىيەت تۆلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەلۇم مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.