Uyghur主要词典
پۈتۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («پۈت Ⅱ» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ئۈك» قوشۇلغان).
(كونىرىغان سۆز) خەت - چەك، كىتاب، ۋەسىقە، ھۆججەت؛ تاشقا ئويۇلغان يېزىق.
پۈتۈكچى. * بىزدە قەدىمكى پۈتۈكلەر ناھايىتى كۆپ، ئەپسۇسكى، تېخى تېپىلمىدى، ئېچىلمىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«پۈت Ⅲ» كە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ئۈك» قوشۇلغان).
1 . تۆشۈك، بوشلۇق، ئېتىلىپ قالغان پۈتەي.
بۇ يىڭنىنىڭ كۆزى پۈتۈك ئىكەن. * قۇرۇق گەپكە پۈتۈك قۇلاق (ماقال). * قۇۋنىڭ قۇلىقى پۈتۈك (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يېزىق، كىتاب، خەت: پۈتۈك ئەيلىمەك - يېزىش بىلەن شۇغۇللانماق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىچى تولۇق.
تۆشۈك، كاۋاك
ئىچى بوش.
قومۇشنىڭ ئىچى پۈتەي بولماس، يالغانچىدا ئىناۋەت. قۇۋنىڭ قۇلىقى پۈتۈك. تۆشۈك مونچاق يەردە قالماس. ساۋابنىڭ كۆتى تۆشۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېزىلغان، ئويۇلغان ياكى بېسىلغان يېزىق؛ خەت، مەكتۇپ، كىتاب.
مەن كۆرگەن تېبابەت پۈتۈكلىرىدە <ماش تالقىنى يۈرەكنى ئاسرايدۇ، ئاغرىقنىڭ زەھىرىنى يۈرەككە ئۆتكۈزمەيدۇ> دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بوشلۇق تىنىپ قالغان؛ تۆشۈكى ئېتىلىپ قالغان، پۈتەي.
بۇ يىڭنىنىڭ كۆزى پۈتۈك ئىكەن.
بوغۇلغان، ياڭراق چىقمايدىغان بولۇپ قالغان.
ئۇنى پۈتۈك.