Uyghur主要词典
پېتوفى كۇلۇبى
دۇنيا تارىخى
1955-يىلى ۋېنگرىيىدە زىيالىيلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ۋېنگرىيىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىرى پېتوفى نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن پېتوفى كۇلۇبى دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە ئەمگەكچى ياشلار ئىتتىپاقى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1956-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا ئون نۇقتىلىق تەلەپ قويۇپ، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىش، ئىككىنچى بەش يىلىق پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىمىر ناگىنىڭ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، <ۋېنگرىيە ۋەقەسى> نىڭ يۈز بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 11-ئايدا <ۋېنگرىيە ۋەقەسى> تىنجىتىلغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.