Uyghur主要词典
پېتوفى
دۇنيا تارىخى
(1823 - 1849) ۋېنگرىيە شائىرى، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى دېموكراتى. كەمبەغل پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا سەرگەردان سەنئەتچى بولغان. ئەسكەر بولغان. 1842-يىلى <ھاراقكەش> دېگەن شېئىرنى ئېلان قىلىپ، يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1844-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان ھەمدە <پېشىت مودا گېزىتى> نىڭ ياردەمچى تەھرىرى بولغان. <يېزىلاردىكى بازغان> دېگەن ھەجۋىي شېئىرى ۋە <ۋەتەنپەرۋەرلەر ناخشىسى>، <پادىشاھقا قارشى تۇرايلى> دېگەن ئىنقىلابىي شېئىرلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن شېئىرىيەتتە داڭقى چىققان. پېشىتتا رادىكال ياشلار تەشكىلاتى - <ياش ۋېنگرىيە> گە قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەلرىك قىلىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. مەملىكەت ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىلىق ساياھەت قىلىپ، ۋېنگرىيە خەلقىنى ئاۋسترىيىنىڭ مىللىي زۇلمىغا قارشى تۇرۇشقا ئىنقىلابىي شېئىرلار ئارقىلىق سەپەرۋەر قىلغان. 1846-يىلنىڭ ئاخىرىدا شېئىرلىرىنى رەتلەپ، شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن ھەمدە كىرىش سۆزىدە <ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت> دېگەن مەشھۇر ھېكمەتلىك شېئىرنى يازغان. 1848-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پېشىت خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلارغا <مىللەت ناخشىسى> دېگەن سىياسىي شېئىرىنى ئوقۇپ بېرىپ، خەلقنى مىللىي ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ، <ۋېنگرىيە ئەركىنلىكىنىڭ تۇنجى ئاۋازى> دەپ تەرىپلەنگەن. 1849-يىلى 7-ئايدا <تېررورلۇق پەيتتە> دېگەن ئاخىرقى شېئىرنى ئىجاد قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان. ھايات ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئىنقىلابىي شېئىرلارنى ئىجاد قىلغاندىن باشقا سىياسىي مۇلاھىزە، سەھنە كىتابى، رومان ۋە نەسىر قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ يېزىپ، ۋېنگرىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.