Uyghur主要词典
پېشقەدەم چېخلار گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىردىكى چېخ مىللەتپەرۋەرلەر پارتىيىسى - مىللىي پارتىيىنىڭ ئىچىدىكى كونسېراۋتىپ گۇرۇھ. ئاساسلىق ۋەكىلى - پالاسكى (1798 - 1876). ئۇ چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋە مونوپول كاپىتالىستلارنىڭ كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكىنى مۆتىدىل چارىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1891-يىلى، بۇ گۇرۇھ گېرمانلارنىڭ ئۆز دۆلىتى چېگرىسىدىكى ئاھلىلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا يول قويغانلىقتىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. <ياش ئەزىمەت چېخلار> غا قارالسۇن.