Uyghur主要词典
پېقىر
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
كەمبەغەل، نامرات، يوقسۇل.
پېقىر ئادەم. * بۇلۇتنىڭ قەدىرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدىرى يوق باي يېنىدا (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئالماش.
كەمىنە، كەمىنىلىرى.
پېقىر كۆپ ئوقۇمىغان، مەنسەپ تۇتمىغان ئادەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
1 - شەخس كىشىلىك ئالمىشى، <مەن> ئەڭ ئومۇمىي، قالغانلىرى ئاز ئىشلىتىلىدۇ، كەمتەرلىك مەنىسى بار.
<بىز> ئالاھىدە ئەھۋالدا بىرلىك ساندا كېلىدۇ.
مېنىڭ ئىدى، سېنىڭ بولدى، سورىۋىدىم دورا بولدى. كەمىنىلىرى بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىكەن. پېقىر بۇ يەرلىك ئەمەس، مۇساپىر. بىزنىڭ پىكرىمىز؛ بىزنىڭ خوتۇن. بىز ئەمدى تۆۋەندە مەۋجۇدادنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە سۆزلەيمىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قول ئىلكىدە ھەتتا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ بولمىغان، ئىقتىسادسىز.
باي، غەنىي، دۆلەتمەن، ھاللىق
قول ئىلكىدە يەر، سۇ، پۇل - مال، مال - مۈلۈك، مال - چارۋىسى كۆپ، ئىقتىسادلىق.
باي نەدە، ۋاي شۇ يەردە. غەنىينىڭ غېمى كۆپ. بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار. بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، گادايغا كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي. گاداي ئىتتىن قورقىدۇ، ئىت گادايدىن. باينىڭ كېلىنى بولغىچە، نامراتنىڭ قىزى بول. باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، يوقسۇلنىڭ كۇلىسى بار. پېقىر زورا تۇتسا، باي ھېيت ئوينايدۇ. ھاللىق بولساڭمۇ ھال تارتما. دۆلەتمەن بولساڭمۇ، سۆلەتمەن بولسا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. كەمبەغەل، نامرات، يوقسۇل.
پېقىر ئادەم.
بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا (ماقال).
ئال <كەمىنە، مەن> مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر تۇتۇشنى بىلدۈرىدىغان سۆز.
ئەمەت ئۇستا بايىقى خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن: - ئەپەندىم، بايا قوشنىلارغىمۇ خەۋەر قىلىپ قويدۇم. بۈگۈن پېقىرنىڭ خانىسىغا مېھمان كەلمەكچى. چەت ئەللىك دوستلار، - دېدى.