Uyghur←Chinese主要词典
پرۇسسىيە ئىلمىي ئېقىمى
دۇنيا تارىخى
普鲁士学派
pǔ lǔ shì xué pài
كىچىك گېرمان ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گېرمانىيىدە كەڭ تارقالغان بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. تارىخنى پرۇسسىيە سۇلالىسىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئاكتىپ تەرغىپ قىلغانلىقتىن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. رانكې ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تارىخ قارىشى ۋە تارىخشۇناسلىق ئۇسۇلىغا نارازى بولۇپ، بىسماركنىڭ <تۆمۈر - قان سىياسىتى> نى ئاكتىپ قوللاپ، گېرمانىىدىكى ھەرقايسى ئەللەر پەقەت پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىدارە قىلىشى ئاستىدىلا، ئاندىن بىرلىككە كېلەلەيدۇ، دەپ قارىغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى كېڭەيمچىلىكى ئۈچۈن، ئىدىيە - نەزەرىيە جەھەتتە ناھايىتى زور رول ئوينىغان. لېىنىن بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ تارىخشۇناسلىقى گېرمانىيە يونكېرلىرى ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان <بيۇروكرات ساقچى> تارىخشۇناسلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئاساسلىق ئەزالىرى شىبىل، دورويسېن، ترائىلوك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.