Uyghur←Chinese主要词典
پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
普法战争
pǔ fǎ zhàn zhēng
7018 - 1871-يىللاردا پرۇسسىيىنىڭ فرانسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. پرۇسسىيە بىلەن فرانسىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ زومىگەرلىكىنى تالىشىش ۋە گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئۇزاق مۇددەت سۈركىلىشكەن. ئىسپانىيە كورۇللۇق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ماجىراسى، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇش قوزغاشنىڭ باھانىسى قىلىپ پايدىلىنىلىپ، 1870-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى فرانسىيە پرۇسسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئالساسقا كىرگەن. ناپولېئون Ⅲ بىلەن مارشال مىكىماخون 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سىداندا تسلىم بولغان. 9-ئانىڭ 4-كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىپ، تروشۇي باشچىلىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى پارىژ پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى گامبېتتا ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ پارىژدىن قېچىپ چىققان ۋە فرانسىيىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۇيۇشتۇرغان. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مارشال بازان مېتزدا تەسلىم بولغان. 1871-يىل 1-ئاينىڭ 18 - كۈنى پرۇسسىيە كورۇلى ۋېلھېلم Ⅰ ۋېرسالدىكى ئەينەكلىك زالدا تاج كىيىپ، گېرمانىيە ئىمپېراتورى بولغان. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. فرانسىيە يېڭى مىللىي پارلامېنتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بوردېئائۇكستا تا ئېچىلغان. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە سېرسالدا دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى فرانسىيە مىللىي پارلامېنتى تەرپىدىن تەستىقلانغان. 3-ئاينىڭ 18 كۈنى پارى كوممۇنا ئىنقىلابىي پارتلىغان. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى فانكفورتتا رەسمىي سۈلھ شەرتنامە ئىمزالانغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاپەت يىلتىزىنى كۆمگەن.