Uyghur←Chinese主要词典
پرۇدونچىلار
دۇنيا تارىخى
蒲鲁东派
pú lǔ dōng pài
فرانسىيىدىكى پرۇدونىزم مۇرىتلىرى، 1871-يىلقى پارىژ كوممۇنىسى كومىتېتىدىكى ئاز سانلىقلار. ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى كۈرەشتە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنگەن: تولائىن باشچىلىقىدىكى ئوڭ قانات پرۇدونچىلار، ئۇلار پرۇدون تەلىماتىغا ئومۇميۈزلۈك ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسى مەزگىلىدە ۋېرسال ھۆكۈمىتىنىڭ قوينىغا ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى ئاتقان؛ ۋارلىن ۋەكىللىكىدىكى سول قانات پرۇدونچىلار بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىپ، پرۇدونىزمنىڭ تەسىرىدىن تەدرىجىي ھالدا قۇتۇلۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزم نۇقتىئىنەزەرىگە يېقىنلاشقان ۋە ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى تۇرۇش، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە پارىژ كوممۇنىسىدا ئساساسەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پەرمانلارنى چىقارغان. كۆپ سانلىقلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن، كوممۇنا كومىتېتىدىن بىر مەزگىل چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنانى قوغداش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى جەڭگە قاتناشقان. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پرۇدونچىلار مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان.