Uyghur←Chinese主要词典
پرۇدون
دۇنيا تارىخى
蒲鲁东
pú lǔ dōng
(1809 - 1865)، فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىزمچى، ئانارخىزمنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئائىسلىدىن كېلىپ چىققان، ھەرپ تىزغۇچى ئىشچى، كېمىچى بولغان، باسمىخانا ئاچقان. 1838-يىلى پارىژغا كۆچۈپ بارغان. 1840-يىلى <مال - مۈلۈك دېگەن نېمە؟> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغان، 1846-يىلى <نامراتلىق پەلسەپىسى> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇششاق برژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىقىنى تەرغىپ قىلغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، كۆپ خىل گېزىت - ژۇرنالىقىغا چىقىرپ، ۋاقتىلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، 6-ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن ماقالە يېزىپ لۇئى بوناپارتقا قارشى تۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ يىللىق قاماق ۋە 3000 فرانك جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدە <بىر ئىنقىلابچىنىڭ ئىقرارى>. <ⅩⅨ ئەسىر ئىنقىلابى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقۇم>، <2-دېكابر سىاسىي ئۆزگىرىشىدىن ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا بىر نەزەر> دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. 1852-يىلى تۈرمىدىن چىققان. 1858-يىلى <ئىنقىلاب ۋە چركاۋدىكى ئادالەت مەسىلىسى توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، يەنە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بريۇسسېلغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە <ئۇرۇش ۋە تىنچىلىق>، <باج نەزەرىيىسى> نى ئېلان قىلغان. 1862-يىلىدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلگەن. 1865- يىلى ۋاپات بولغان. ئنىڭ تەلىماتى ۋە سىياسىي پائالىيىتى ئىشىچلار ھەرىكىتىدە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسلاھاتىچلىق ۋە ئانزرخىزم ئىدىيىۋى ئېقىمى - پرۇدونىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، پارىژ كوممۇنىسىدىن بۇرۇنقى فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ماركس <پەلسەپە نامراتلىقى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ يەنە <ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى توغرىسىدا>، <مال - مۈلۈك نەزەرىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.