Uyghur主要词典
پوئىتېرس جېڭى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى پوئىتېرسنىڭ يېنىدا بولغان ئىككى قېتىملىق جەڭ: (1)مىلادى 273 - يىلى، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ئوردا ۋەزىرى چارلىز مارتېل ساۋۇتلۇق رىتسارلارغا قوماندانلىق قىلىپ، ئەرەبلەرنى پوئىتېرس بىلەن تۇر ئارىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى بىلىنوس تېغىنىڭ جەنۇبىغا چېكىندۈرۈپ، غەربىي ياۋرۇپاغا قايتا كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىققا مەجبور قىلغان. (2)ئەنگىلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ بولۇپ، 1356 - يىل 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يۈز بەرگەن. 1355 - يىلى 9 - ئايدا ئەنگىلىيە كورۇلى ئىدوۋارد Ⅲ نىڭ چوڭ ئوغلى ئىدۋارد (قارا شاھزادە) قوشۇن باشلاپ، فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بوردودا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، فرانسىيىنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئۇدۇل باستۇرۇپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى 9 - ئايدائىككى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچى پوئىستېرسنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 11 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقان. ئەنگىلىيە قوشۇنى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر ۋە ئوقياچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، فرانسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيە كورۇلى يوھان Ⅱ (ياخشى ئادەم) نى ئەسىر ئالغان.