Uyghur主要词典
پوئىنكارې
مەشھۇر شەخسلەر
ماتېماتىكا تارىخى نوپۇزلۇقلىرىدىن بىرى پوئىنكارې (1854 −1912 ) گە باھا بېرىپ: «ماتېماتىكا ۋە ئۇنىڭ تـەتبـىـقـلـىـنـىـشـى جەھەتتە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم» دېگەن.20 - ئەسىردىن بۇيان، ماتېماتىكا كۆپ پەنلىشىش، قىيىنلىشىشتەك ھازىرقى زامـان باسقۇچىغا كىردى، ھەربىر ساھەدە ئەڭ يۇقىرى ئۇتۇق قازىنىش مۇمـكـىـن بولماي قالدى، بىراق، پوئىنكارې ھەقىقەتەن ئاشۇ دەۋردىكى مـاتـېـمـاتـىـكـىـدا ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىستېدات ئىدى.
ئادەتتە ماتېماتىكا ئارىفمېتىكا، ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە ۋە ئانالىـتـىـك ماتېماتىكىدىن ئىبارەت تۆت ساھەگە ئايرىلىدۇ، پوئىنكارېنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيـەتـلـىـرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ قۇياش، يەر شارى، ئاي قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆزئارا ھەرىكەت قىلىـدىـغـان تـۈردىـكـى ئۈچ جـىـسىـم مـەسـىـلىـسىـنـى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى؛ ئۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئىككى چـوڭ تۈۋرۈكى − نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بـىـلـەن، كـۋانـت مـېـخـانىـكىـسـى ئىدىيىسىنىڭ پېشۋاسى؛ ئۇ، ئىلمىي پەلسەپىنى تەتقىق قىلىپ، «كېلـىـشـىـش نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلار ئەقلىي بىلىـشىـنـىـڭ ئاسـاسـى قانۇنىيەتلىرىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىپ، ھازىرقى زامان پەيلاسوپلىرىنـىـڭ بارغانسېرى دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانـغـان34 يىلدا500 ئىلمىي ماقالە،30 دىن ئارتـۇق ئەسـەر ئېلان قىلدى، فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيە، شۋېتسىيە، بـولـغـارىـيـە قاتـارلىـق دۆلەتلەرنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى،30 نەچچە دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىـڭ ئاكادېمىكلىقىغا تەكلىپ قىلىندى.1912
- يىل6 - ئاينىڭ26 - كۈنى، پوئىنكارې ئالەمدىن ئۆتۈشـتـىـن20 كۈن بۇرۇنقى ئاخىرقى نۇتقـىـدا: «كـىـشـىـلـىـك ھايـات داۋاملاشـقـان كۈرەش دېمەكتۇر» دەيدۇ. پوئىنكارېنىـڭ ھايـاتـى كـۈرەشـچـان ھايـات. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، سۆزلىرى دېگەنـدەك ئېنىق ئەمەس ئىدى، خەت يېزىش، سخېما سىزىشتىمۇ قىينىلاتتـى؛ يـەنە ئۇنىڭدا كېكىردەك پارالىچلىنىـش ۋە بـەدەن ئاجىـزلىقىنىـڭ ئەگـەشـمـە كېسەللىكلىرى قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنـى دۆت دەيتتى. ئۇ ماتېماتىك بولغاندىن كېيىنمۇ مەلۇم پسىخولوگ تۈرلۈك سىناقلار ئارقىلىق، ئۇنى يەنىلا «دۆت» دەپ بېكىتكەن.
پوئىنكارېنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئاچقۇچى دىققەت كۈچىـنـى يۈكسەك مەركەزلەشتۈرگەنلىكىدە. ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ زور قىـزىـقـىـشـى كىتاب ئوقۇش، ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش سۈرئىتى تېز، خاتىرىسى تـوغـرا ھەم ئۇزاققىچە ئېسىدە تۇتالايدۇ. كۆرۈش قـۇۋۋىـتـى يـاخـشـى بـولـمـىـغـانـلىقـى، يېزىقچىلىقتا قىينىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دەرس ۋاقتىدا خـاتـىـرە قـالـدۇرمـاي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دەرس ئاڭلايتتى، مـۇلاھىـزە يـۈرگـۈزەتـتـى، ئۆزلەشتۈرەتتى، ئۇزاق مۇددەتلىك چېنىقىش ئۇنىڭدا چوڭ مېڭىدىن پايدىلـىـنـىـپ، مۇرەككەپ ھېسابلاشلارنى ئورۇنداش، ئۇزۇن سەھىپىلىك ماقالىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانىدى.1871 - يىلى17 ياشلـىـق پوئىنكارې ئالىي سانائەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگەندە، ئۇ ئىمتىـھان ئالغۇچى ئەمەلدارنىڭ ئالاھىدە لايىھىلىگەن قىيىن سوئاللىرىنى بىمالال ھەل قىلىدۇ، گەرچە ئۇ گېئومېتىرىيىلىك شەكىل سىزىشتا0 نومۇر ئالغان بولسىمۇ، مەكتەپ ئۇنـى شەرتكە قارىماي قوبۇل قىلىدۇ.1879 - يىلى25 ياشقا كىرگەن پوئىنكارې ماتېماتىكا دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ،32 يېشىدا ماتېماتـىكـا ۋە فىزىكا پروفېسسورى بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم - پەن بېغىـدا26 يـىـل ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1860 - 1934) فرانسىيە 3-جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1913 -1920). رورېندىكى بار - لې - دۇك شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا يۇرتىنىڭ گېرمانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. پارىژ 1882-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1887-يىلى ئاۋام پالاتاغا كىرگەن. 1893-يىلىدىن باشلاپ مائارىپ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1903-يىلى كېڭەش پالاتاسىغا كىرگەن. 1912-يىلى 1-ئايدىن 1913-يىلى 1-ئايغىچە زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئشىلار مىنىستىرى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ھەربىي ھازرلىقىنى ۋە فرانسىيە - رۇسىيە، فرانسىيە - ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنى تىرىشىپ كۈچەيتكەن. 1913-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ۋە قانۇن تۈزۈش پائالىيتەتلىرىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئاكتىپ تەييارلىق كۆرگەن ۋە قاتناشقان. 1917-يىلى سىياسىي دۈشمىنى كېمېنتىئا ئۇنى مىنىستىرلار كابىنېتىنى تەشكىللەپ، ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن. 1920-يىلى زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى توشۇپ، كېڭەش پالاتاسىغا قايتىپ كەلگەن. بىر مەزگىل ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1922 - 1924 - يىللاردا <مىللىي ئىتىتپاق> ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، قايتىدىن زۇڭلى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋە گېرمانىە تۆلەم پۇلىنى تۆلەش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1923-يىلى 1-ئايدا لورغا بېسىپ كىرىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 1926-يىلى 7-ئايدا يەنە زۇڭلى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلغان. 1929-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەن. <فرانسىيىگە خىزمەت قىلىش> دېگەن ئەسلىمىسى بار.