Uyghur主要词典
پوستىغا سامان تىقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇنلاردا ئىسلام جازا قانۇنىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا. ھازىر قىيناپ ئۆلتۈرۈشكە تەمسىل قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
ئۇنى چالما كېسەك قىلسا بولىدۇ. ھوشۇڭنى تاپ، بولمىسا تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن.ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئېغىر زىيانكەشلىك قىلماق، تۇيدۇرماي قاتتىق ئەدىپىنى بەرمەك: مانا ئۈچ ھەپتە بولدى،مەتسېلىممۇ، ئايشەمگۈلمۇ ماڭا قارىمايدۇ. ئىچىم تىتىلداپ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئايشەمگۈلنىڭ پوستۇمغا سامان تىقىپ يۈرگەنلىكىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن.