Uyghur主要词典
پوستىغا كىرمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر كىم بىلەن غەرەزلىك ھالدا ئاپاق - چاتاق بولۇۋالماق، ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەك، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالماق: شاھزادىنىڭ دىلى يۇمشاپتۇ. مەلىكىنى باغرىغا ئاپتۇ، تەسەللى بېرىپ كۆڭلىنى ياساپتۇ. پاتىمە بولسا قولىنى چىشلەپ، يېڭى تاپان - تۇزاققا ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. شاھزادە بىلەن سىڭلىسىنىڭ پوستىغا كىرىپ ئامراق بىر تۇغقانلاردىن بوپتۇ.