Uyghur主要词典
پولشانىڭ بىر مىڭ سەككىز يۈز ئوتتۇزىنچى يىلدىكى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1830 - 1831- يىللىرى چارپادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پولشانىڭ مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى قوزغىلىڭى. 1830 - يىلى 11 - ئايدا، روسىيە ئارمىيىسىدىكى پولەك ئەسكەرلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋارشاۋا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوشۇن تېزلىكتە زورىيىپ بىرقانچە ئون مىڭغا يېتىپ، ۋارشاۋادا مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرغان. قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئاقسۆڭەكلەر يەر ئىسلاھاتى ۋە باشقا ئىلغار تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقتىن، خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، 100 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇقراق روسىيەئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن ئاخىرى 1831- يىلى 9 - ئايدا مەغلۇپ بولغان.