Uyghur←Chinese主要词典
پولات ئىتتىپاق شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى钢铁盟约
gāng tiě méng yuē
<گېرمانىيە - ئىتالىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى> نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە <پولاتتەك شەرتنامە> دەپ ئاتىغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1939-يل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېرلىندا ئىمزالانغان. شەرتنامىنىڭ ئۈچىنچى ماددىسىدا: <ئەگەر شەرتنامە تۈزۈشكە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئىككى تەرەپ ئىچىدىكى بىر تەرەپ بىر ئىتىتپاقداش دۆلىتى سۈپىتىدە ئىككىنچى تەرەپكە دەرھال ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قۇرۇقۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى جەھەتلىرىدىن قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. شەرتنامە گېرمانىيىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تەييارلىقى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىشىنى تېزلەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。