Uyghur主要词典
پوكومبو قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1866 - 8761 - يىللىرى كامبودژا خەلقىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرى پوكومبو بۇددا دىنى راھىبى بولۇپ، ئكزىنى ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھ ئەنزەننىڭ نەۋرىسى دەپ ئاتاپ، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان، فرانسىيە ھامىيلىقىدىكى پادىشاھ نورۇدۇمغا قارشى چىققان. قوزغىلاڭچى ئارمىيە خەلقنىڭ تۇشمۇ تۇشتىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، تېزلا زورىيىپ جىجىن، سەنپۇ قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلىۋالغان ھەمدە گەنزو ئۆلكىسىدە پايتەخت ۋە مەمۇرىي ئورگان تەسىس قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭچى ئارمىيە پىنومپېنىغا ئانچە يىراق بولمىغان باپوتۇڭ دېگەن جايدا پادىشاھ ئارمىيىسىنى يەڭگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ۋە پادىشاھنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. كېيىن پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1867-يىلىنىڭ ئاخىرى پوكومبو بانتوكتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن، قوزغىلاڭ بارا - بارا پەسەيگەن.