Uyghur主要词典
پوكان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئادەم ۋە قۇشلارنىڭ تۆش قىسمى.
توخۇ پوكىنى. * ئۇ پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى. * ھېلىم پوكىنىنى ئۈستەلگە يۆلەپ ئۇخلىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
دان ۋە مېۋە چالا پىشقان، كىيىم - كېچەك، نەملىكى تۈگىمىگەن، چالا قۇرۇغان ھالەت.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ئۇچار قۇشلارنىڭ دانلىقى؛ گال، كاناي، بوغۇز؛ مەيدە تۆش.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
چالا پىششىق (ئۈزۈملەر پوكان بولۇپتۇ، ئۈزۈملەر چېكىلىپتۇ).
بىئولوگىيە
<دانلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار ياكى بوغۇم تەنلىك ھايۋانلارنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنىڭ ئارقا ئۇچىدىكى ۋاقىتلىق ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان كۆپكەن (كېڭەيگەن) قىسمى. قۇشلار يېگەن ئوزۇقلۇقىنى ئالدى بىلەن پوكاندا تۇرغۇزۇپ، نەملەپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئالدىنقى ئاشقازان ۋە تاشلىققا ئۆتكۈزۈپ ھەزىم قىلىدۇ. كەپتەرنىڭ پوكىنى بالا بېقىش مەزگىلىدە <كەپتەر سۈتى> دەپ ئاتىلىدىغان پىشلاقسىمان بىر خىل سۈت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ باچكىسىنى باقىدۇ. زۇلۇكنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا 11 جۈپ پوكان تۇتىشىپ كىرگەن بولۇپ، زۇلۇك تويغاندىن كېيىن، پوكىنىدا ساقلانغان قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان ئۈچەيلىرىنىڭ نەچچە ئاي ھەزىم قىلىشىغا ۋە پايدىلىنىشىغا يېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ تۆش قىسمى، كۆكرەك.
ھەيدەر پوكىنىنى ئۈستەلگە قويغىنىچە كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چالا پىشقان (مېۋە - چېۋە ھەققىدە)، تولۇق قاتمىغان (زىرائەت دانلىرى ھەققىدە)، نەملىكىنى يوقاتمىغان، قۇرۇمىغان (كىيىم - كېچەك قاتارلىقلار ھەققىدە).