Uyghur主要词典
پىننا
بىئولوگىيە
شىناسىمان قۇلۇلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كلافان ژابرالىقلار سىنىپى، پىننالار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى قاپچۇقى ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ، ئالدى ئۇچلۇق، كەينى كەڭ، شىنا شەكلىدە بولىدۇ. قاپچۇقى نېپىز ھەم چۈرۈك، دۈمبە گىرۋىكى سەل تۈز، قورساق گىرۋىكىنىڭ ئالدىنقى يېرىم قىسمى تۈز، كېيىنكى يېرىم قىسمى سەل تومپايغان. كىرىشتۈرمە چىشلىرى بولمايدۇ. بال قۇلۇلىنىڭ قاپچۇقىدا قىر ۋە تىكەنچىلىرى بولۇپ، يېتىلگەن چاغدا ئېنىقسىزلىشىپ كېتىدۇ. رەڭگى سۇس قوڭۇر رەڭدىن قارا قوڭۇر رەڭگىچە، كىچىك ۋاقتىدا سەل سۈزۈك بولىدۇ. پۇت يىپچىلىرى تەرەققىي قىلغان ياكى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىككى قاپچۇق ئارىسىدىن ئۇزارتىپ چىقىرىپ لاي - قۇملارغا كۆمۈلۈپ تۇرغان نەرسىلەرگە چاپلىشىپ ياشايدۇ. لېكىن ئۆمۈر بويى يۆتكەلمەيدۇ. ئالدىنقى قاپچۇقى ياپقۇچ مۇسكۇلى رۇدىمېنتلاشقان، كېيىنكى قاپچۇقى ياپقۇچ مۇسكۇلى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، قۇرۇتۇپ ئىشلەنگەنلىرى <قۇرۇق قۇلۇلە> دېيىلىپ، ئالىي دەرىجىلىك دېڭىز نازۇ - نېمىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيىدە بىر خىل پىننانىڭ پۇت يىپچىلىرى توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ؛ قاپچۇقىدىن ھاك كۆيدۈرۈشكە ياكى قۇلۇلە باقمىچىلىقىدا بالا قۇلۇلىلەر چاپلىشىدىغان جىسىم ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.