Uyghur主要词典
پىنگۋىن
ھايۋاناتلار دۇنياسى
پىنگۋىن مۇھەببەتلىك ھاياتنىڭ قائىدىلىرىگە ئىنتايىن رىئايە قىلىدۇ، ئاساسەن «بىر ئەر - خوتۇنلۇق» تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، مۇھەببەتكە نىسبەتەن بىرقەدەر خاسلىققا ئىگە. بىرەيلەن ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مىڭدەك پىنگۋىن ئۈستىدە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، %82 پىنگۋىننىڭ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي نىكاھىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر جۈپىنىڭ11 يىل بىللە ياشىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەڭ ياشاپ، تەڭ قېرىش ھېسابلىنىدۇ.
پىنگۋىن جورا تېپىشتا دائىم بىر - بىرىگە قارىشىپ سايراپ ناخشا ئېيتىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىقارلىق، كۈلكىلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، بىردەم قاناتلىرىنى پالاقلىتىدۇ، بىردەم ئىنچىكە ئۇزۇن تۇمشۇقىنى بىرلىكتە ئاسمانغا قارىتىپ غادىيىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ قاقاسلىقلىرىدا ياشايدىغان ئادرى پىنگۋىنىنىڭ جورا تېپىش ئۇسۇلى تېخىمۇ قىزىقارلىق. پىنگۋىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتىن بۇرۇن بىرئاز شېغىل تاش تاللاپ، يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى قىلىدۇ، قار - مۇز بىلەن قاپلانغان جەنۇبىي قۇتۇپتا مۇنداق سوۋغىنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن. ئەركەك پىنگۋىن دائىم قوشنىسىنىڭ تېشىدىن بىرنى ئوغرىلايدۇ، جورا تېپىش مەزگىلىدە شۇ تاشنى خۇشامەت بىلەن چىشى پىنگۋىننىڭ پۇتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئاندىن ئارقىغا بىرقانچە قەدەم چېكىنىپ ئۆرە تۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ. مۇبادا ئىككى تەرەپ كېلىشىپ قالسا ئوغرىلاپ كەلگەن تاش بىلەن قارلىقنىڭ شامال تەگمەيدىغان يېرىدە »ھۇجرا« سېلىپ، بىر - بىرىدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلماي تۇخۇم تۇغۇپ بالا بېقىشقا باشلايدۇ.
پىنگۋىننىڭ تېنى كۆپىنچە ياپىلاق، دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى توق كۈل رەڭ ياكى قارا، قورساق تەرىپى ئاپئاق ياكى سارغۇچ. ئۇنىڭ پەيلىرى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، پەي ئوقى كەڭ ھەم قىسقا، تەن سىرتى تەڭگىچىسىمان بولۇپ كۆرۈنىدۇ. پەي ئالماشتۇرۇش ۋاقتىدا پۈتۈن تېنىدىكى پەيلىرى چوڭ دائىرىلىك چۈشۈپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئون نەچچە كۈندە ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ. پىنگۋىننىڭ پۇتى تېنىنىڭ ئارقا قىسمىغا جايلىشىدۇ، شۇڭا ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدۇ، لېكىن مېڭىشى ناھايىتى ئاستا. خەۋپكە يولۇققاندا قورسىقىنى قارغا چاپلاپ يېتىۋېلىپ، ئارقا پۇتى ۋە ئۈزگۈچ پۇتى بىلەن يەرنى ئىتتىرىپ، قار ئۈستىدە سائىتىگە30 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تېيىلىپ قاچىدۇ.
پىنگۋىن ئەسلىدە ئاسماندىكى ئۇچار قۇش ئىدى. ھازىر رودىمېنتلىشىپ سۇ ئۈزۈشكە ۋە سۇغا چۆكۈشكە ماھىر دېڭىز قۇشىغا ئايلانغان، سۇ ئۈزگەندە سائەتلىك سۈرئىتى36 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
پىنگۋىننىڭ توپلىشىپ ياشاش خۇسۇسىيىتى بار، بۇ ئۇلارنىڭ شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزلىرىنى ئىسسىق ساقلىشىغا پايدىلىق. يەنە ئۆز ئۇۋىسىغا قايتىش ماھارىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەر يىلى كۆپىيىش مەزگىلى يېقىنلاشقاندا نەچچە مىليون پىنگۋىن جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئۇزۇن قاراڭغۇ كۈنلىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن كېچە - كۈندۈز ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئەسلىدىكى تۇرار جايىغا يېتىپ كېلىدۇ.
بىئولوگىيە
قۇشلار سىنىپىنىڭ پىنگۋىنلار ئومۇمىي ئەترىتى، پىنگۋىنلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ سۇغا چۆكۈپ ياشاشقا ماسلاشقان ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى قۇش. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 65 سانتىمېتىر، ئۇششاق قاسىراقسىمان پەيلىرى بولۇپ، بەدەن سىرتىغا تەكشى تارقالغان، دۈمبە پەيلىرى قارا، قورساق قىسمى ئاق ھەمدە توغرىسىغا 1 - 2 قارا سىزىقى بولىدۇ. تېرە ئاستىدىكى ياغلىرى قېلىن. تۆش سۆڭىكىدە تەرەققىي قىلغان تاج ئۆسۈكچىسى بار. سۆڭەكلىرى ئېغىر، ھاۋا يوق. ئىككى قانىتى پالاقسىمان بولۇپ، ئۈزۈشكە ماسلاشقان، قۇيرۇقى قىسقا، پۇتى قىسقا ھەمدە گەۋدىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە سىلجىغان. بارماقلىرى ئارىلىقىدا پەردىلىرى بار، سۇ ئۈزۈش سۈرئىتى تېز بولۇپ، سائىتىگە 63 كىلومېتىر ئۈزەلەيدۇ. مۇز - قارلاردا ماڭغاندا گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدۇ. ماڭغاندا دەلدەڭشىپ ماڭسىمۇ، لېكىن مەلۇم بىر خىل ۋەھىمىنى سەزگەندە دەرھال قورساق قىسمىنى قار - مۇزغا چاپلاپ ئىككى قانىتى بىلەن قارنى ئارقىغا تېز - تېز تۈرتىدۇ ۋە كەينى پۇتىنى پورشىننىڭ يىغىلىپ سوزۇلغىنىدەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ تېيىلىش سۈرئىتىنى سائىتىگە 30 كىلومېتىرغا يەتكۈزدىۇ. ئۇ جەنۇبىي قۇتۇپ (ئانتاركتىكا) نىڭ چەت رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ، مۇزلۇقنىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىغىچە يېتىپ بارغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چوڭ توپ بولۇشۇپ چوڭقۇرلۇقلاردا ئۇۋا ياساپ ياشايدۇ. بېلىق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، چىشىسى ھەر قېتىمدا بىر تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمنى ئەركىكى پۇتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قورساق قىسمىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ چۈشكەن تېرە پۈرمىسى ھەم پەيلىرى بىلەن يېپىۋېلىپ (تەخمىنەن 50 كۈنى) بېسىپ ياتىدۇ. ئەركىكى تۇخۇم بېسىش مەزگىلىدە ئوزۇقلانمايدۇ، مايلىرىنى سەرپ قىلىشقا تايىنىپ جان ساقلايدۇ، بالىسىنى بولسا، چىشىسى بىرلىشىپ ئاسراپ باقىدۇ. پىنگۋىنلار قۇشلارنىڭ كۆچۈشىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئوبيېكتى، شۇنداقلا بىئونىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. پىنگۋىننىڭ سوغۇققا چىداملىقلىقى، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش مېخانىزمى (تۆت ئاي داۋاملىشالايدۇ)، كۆچۈپ يۈرۈشى، ئەسلىدىكى جۈپتىنى تونۇشى، بالىلىرىنى بېقىشى، چۆكۈپ ئۈزۈشى، تېيىلىش مېخانىزمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى چوڭقۇر قىزىقتۇرماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
فرانسوزچە<لاتىنچە
زوئولوگىيە
سۇ قۇشى. ئانتاركىتكا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللاردا توپلىشىپ ياشايدۇ.