Uyghur主要词典
پلېخانوۋ
مەشھۇر شەخسلەر
1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ توپ ئوقلىرى ياڭراۋاتقاندا، قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پېتروگراد شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئۆيدىن بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدى، بوۋاي ئۇلارنىڭ سورىغان سوئالىغا تىترەك ئاۋازى بىلەن: »مەن روسىيىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن40 يىل كۈرەش قىلدىم« دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئاغرىقچان، ئاجىز بوۋاي روسىيە تارىخىدىكى داڭلىق ماركسىزم تەشۋىقاتچىسى ۋە نەزەرىيىچىسى پلېخانوۋ ئىدى.
پلېخانوۋ (1856 −1918 - يىللار) دەسلەپتە نارودنىكلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا ماركسىزم تېخى روسىيىگە تارقالمىغان بولۇپ، نارودنىكلار چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى بىر قىسىم زىيالىيلاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى دەپ تەمەننا قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىغا تايانماي، دېھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق قىلساق، دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان. كېيىن، ئۇلار يەنە تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ يوشۇرۇن قاتىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. پلېخانوۋ قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئەسلىدىكى پروگراممىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولغان. تەشۋىقات پائالىيىتى داۋامىدا، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
چەت ئەلدە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگەرگەن. ماركسىزم نەزەرىيىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، مەغلۇبىيەت تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئاخىر نارودنىكلارنىڭ خاتا ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزمچىغا ۋە ماركسىزم تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان. ئۇ روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزم تەشكىلاتى − ئەمگەك ئازادلىقى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ماركس، ئېنگېلسنىڭ »كومپارتىيە خىتابنامىسى« قاتارلىق نۇرغۇن ئەسىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيىسى شەرھلەنگەن بىرمۇنچە ماقالە ۋە كىتابلارنى تۈزۈپ، چەت ئەلدە باستۇرغاندىن كېيىن، روسىيىگە مەخپىي ئەكىرىپ تارقاتقان. ئۇ ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە بىرمۇنچە پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى شانلىق سەھىپە ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن، ئۇ دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭالماي، بارا - بارا سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. پرولېتارىياتنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتا، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە، لېنىننىڭ توغرا لۇشيەنىگە جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلغان. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەسلەش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشتەك سەۋەنلىكىدىن ساۋاق ئالغان.
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1918)، روسىيىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى ماركسىزمچىلىلىرىنىڭ بىرى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەربابى ۋە نەزەرىيىچىسى، كېيىن مىنشېۋېكلار ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرىنىڭ كاتىباشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873-يىلى كونستانتىنوۋ ھەربىي مەكتىپىگە كىرگەن، ئىككىنچى يىلى پېتېربۇرگ كانچىلىق ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇغان. 1875-يىلى نارودنىكلار ۋە پېتېربۇرگ ئىشچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1876-يىلى ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدا پېتېربۇرگ قازان چېركاۋسى مەيدانىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاممىۋى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، كەسپىي ئىنقىلابچىغا ئايلانغان ھەمدە نارودنىكلارنىڭ <ئاسىيلار> گۇرۇپىسىغاق اتنىشىپ، <خەلق ئارىسىغا بېرىش> ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1878-يىلى <يەر ۋە ئەركىنلىك> نىڭ تەھرىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى نارودنىكلا <خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى> بىلەن <قارا يەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش پارتىيىسى> گە پارچىلانغاندا، كېيىنكىسىنىڭ يولباشچىسىغا ئايلانغان. 1880-يىلىدىن باشلاپ شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 37 يىل مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. شۋېتسارىيىدە ماركسىزم نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان؛ ئېنگېلس بىلەن ئالاقە ئورناتقان؛ غەربىي ياۋروپا ئشچىلار ھەرىكىتى بىلەن تونۇشقان؛ نارودنىكلىقنى تەدرىجىي تاشلاپ، ماركسىزمنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان. 1883-يىلى روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزملىق تەشكىلات <ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، نارودنىكلارنىڭ خاتا نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1889-يىلى 7-ئايدا روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان، 1900 - 1903 - يىللاردا لېنىن بىلەن بىرلىكتە <ئىسكرا> ۋە <تاڭ نۇرى> ژۇرنلىغا رەھبەرلىك قىلغان، بۇ جەرياندا لېنىن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم ئېغىر ئىختىلاپ يۈز بەرگەن. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنڭ ئىككىنچى قۇرتۇلتىيىدىن كېيىن، سىياسىي جەھەتتە كۈنسايىن ئوڭچىللىشىپ، ئاخىرى چۈشكۈنلىشىپ مىنشېۋىككە ئايلىنىپ كەتكەن. 5190-يىلقى روسىيە ئىنقىلابىدىن، ئەركىن بۇرژۇئازىيە مەيدانىدا تۇرۇپ دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئەيىبلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزەىلىدە سوتسىيال شوۋېنىزمچاىغا ئايلانغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ۋە روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي قالاق دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. 1918-يىلى فىنلاندىيىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <سوتسىيالىزم ۋە سىياسىي كۈرەش>، <بىزنىڭ ئىختىلاپلىرىمىز>، <بىر مەنبەلىك تارىخى قاراشنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى ھەققىدە>، <سەنئەت توغرىسىدا> (يەنە بىر نامى <ئادرېسسىزخەت>) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۆلگەندن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <پلېخانوۋ ئەسەرلىرى> ۋە باشقا كۆپ خىل مەخسۇس توپلاملىرى نەشر قىلىنغا. لېنىن ئۇنىڭ 1883 - 1903-يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىنى <پۈتكۈل خەلقئارادىكى ماركسىزملىق ھۆججەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردۇر> دەپ تەرىپلىگەن.