Uyghur主要词典
پلومبيېرېس كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بىلەن ساردېگنال كورۇللۇقى تۈزگەن ئاۋسترىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1858-يىلى 7-ئايدا فرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ناپولېئون Ⅲ بىلەن ساردېگنا كورۇللۇقىنىڭ باش ۋەزىرى كاۋوئۇر فرانسىيىنىڭ يازدا ئىستراھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايى پلومبيېرېستا مەخپىي ئۇچراشقان ھەمدە شۇ ئاينىڭ 21-كۈنى شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە فرانسىيىنىڭ قوشۇن ئەۋەتىپ ساردېگنا كورۇللۇقىنىڭ ئاۋستىريىنى لومباردىيە بىلەن ۋېنىتسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، بۇ ئىككى جاينىڭ ساردېگنا كورۇللۇقىغا قوشۇۋېتىلىدىغانلىقى؛ بۇنىڭ ھەققىگە ساردېگنا كورۇللۇقىنىڭ ساۋوئىيە بىلەن نىسنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئەمما 1859-يىلقى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشتا، ناپولېئون Ⅲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان ۋە ئۆز ئالدىغا ئاۋسترىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقان؛ ئاۋسترىيە لومبارىيىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى فرانسىيە ئارقىلىق ساردېگنا كورۇللۇقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ ۋېنىتسىيە يەنىلا ئاۋستىريىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان؛ ئەسلىدە ساردېگنا كورۇللۇقىغا تەۋە بولغان ساۋوئىيە بىلەن نىس شۇنىڭدىن باشلاپ فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.