Uyghur主要词典
پىل قەبرىستانلىقىدىكى سىر
ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
قەدىمدىن تارتىپلا پىل ئۆلۈشتـىـن ئىـلـگـىـرى ئۆزلىرىـنـىـڭ مـەخـپـىـي قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئەجىلىنى كۈتىدۇ، دېگەن گەپ بار. يېرىم ئەسىردىـن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مەلۇم ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى ئافرىقىدىكى قـويـۇق ئورمانلىقتا بىر ئۆڭكۈرنى بايقىـغـان، ئۇنـىـڭ ئىـچـىـدە پـىـل چـىـشـى ۋە پـىـل سۆڭەكلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن. بۇ خەۋەر دۇنيانى زىلزىلىگە سـالـغـان، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۆڭكۈر پىل قـەبـرىـستانلىقى بـولـۇشـى مـۇمكـىـن، دەپ قارىغان.
كىشىلەر ھەمىشە قىممەت باھالىق پىل چىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يـاۋا پـىـلـنـىـڭ ماكانى بولغان ئافرىقىدىكى قويۇق ئورمانلارغا كىرىپ پىل قەبرىـستانلىقىنى ئىزدەيدۇ. ئافرىقىدىكى مەلۇم يەرلىك قەبىلە باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچـە، ئۇ بـىـر قېتىم ئوۋغا چىقىپ يولدىن ئېزىپ قالغان، يولدا يوغان بىر ئۆڭكۈرنى بايقىـغـان، ئۆڭكۈر ئىچىدە سۆڭەكلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئۇ يەنە يوغان بىر پىلنىڭ شـۇ يەرگە كىرىپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئاڭلىماققا بۇ پىللارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئوخشىسىمۇ، بىراق كېيىنچە بەزىلەر قـەبىلە باشلىقى كۆرسەتكەن يول بىلەن ئىزدەپ بېرىپ ھېچ نەرسىنى تاپالمىغان.
ياۋا پـىـل ئادەتـتـە تـەبـىئىـي قـېـرىـپ ئۆلـىـدۇ، بـىـراق كـىـشـىـلـەر ئورمانلىقلاردىن ئۇلارنىڭ تاپلىرىنى تاپالمايدۇ، پىلنىڭ سۆڭەكـلـىـرىـمـۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بەزى ئالىملار پـىـل مـەلـۇم بـىـر جايغا توپلىشىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمـكـىـن، دەپ قارايدۇ. بـىـراق، ئۇلار پىللارنىڭ نېمە ئۈچۈن توپلىشىـپ ئۆلىدىغانلىقـىنـى چـۈشـەنـدۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. پىل ئۆلۈشتىن ئىلگىرى قەبرىستانلىقنى قانداقلارچە تاپـالايـدۇ؟ بەزى زوئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئۆلگەن پىلنى پىل توپى كوللېكتـىـپ دەپـنـە قىلىدىكەن. بىراق، نېمە ئۈچۈن پىل قەبرىستانلىقىنى تاپقىلى بولمايدۇ؟
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。