Uyghur主要词典
پىللوت
دۇنيا تارىخى
(1808 - 1877) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. بابېفىزمنىڭ مۇرىتى. ئەسلىدە پوپ بولۇپ، كېيىن كاتولىك دىنىدىن ئادا - جۇدا بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، <خەلق مۇنبىرى گېزىتى> گە ماقالە يازغان. 1840 - يىلى بېرۋىر تۇنجى قېتىملىق كوممۇنىزمچىلار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1851 - يىل لۇئى بوناپارت سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن فرانسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1870 - يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن كېيىن يەنە فرانسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1871 - يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژ كوممۇنىسنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان بولۇپ، كۆپ سانلىقلارغا تەۋە بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ، مۇتلەق باراۋەرلىك ئىنسانلار تىرىكىچلىكىنىڭ بىردىنبىر يولى. ھالبۇكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىسلىسىز دەھشەتلىك كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ تونۇغان. ئۇنىڭ <كەپىمۇ يوق، سارايمۇ يوق>، <كوممۇنىزم ئەمدى خىيال ئەمەس> دېگەن ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.