Uyghur主要词典
پېيىگە چۈشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىز باستۇرۇپ قاراپ يۈرۈپ، تەقىپ قىلماق.
دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا. ئىشپىيونلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، نەگە بارسا، شۇ يەرگە بېرىپ يۈردى. كىمكى چۈشىنىپ قالغاندا مېنى، دوستۇم دېمەيمەن ھەرگىز ئۇنى، بەلكى پېيىگە چۈشۈپ بىر كۈنى، بەتنەزەر كۆزىنى ئويۇۋالىمەن. دۈشمەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانىدى، ئۇ ئۇنى سېزىپ، دەرھال بىر ياققا بۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش ۋە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇ ئىشنىڭ غېمىدە بولۇپ ئۇنىڭ كەينىگە كىرمەك، شۇ يولدا ھەرىكەت قىلماق: كىمكى چۈشىنىپ ئالغاندا مېنى، دوستۇرم دېمەيمەن ھەرگىزمۇ ئۇنى. بەلكى پېيىگە چۈشۈپ بىر كۈنى، بەتنەزەر كۆزىنى ئويۇۋالىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش ۋە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇ ئىشنىڭ غېمىدە بولۇپ ئۇنىڭ كەينىگە كىرمەك، شۇ يولدا ھەرىكەت قىلماق.
شۇڭا ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن كەپتەرنى مارىغان مۈشۈكتەك قۇندۇزنىڭ پېيىگە چۈشتى.