Uyghur主要词典
پېنسىيە ئالغۇچىلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى
دۇنيا تارىخى
ھەربىي سەپتىن چېكىنىش پۇلى ئالغۇچىلارنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيىلەرنىڭ بىر قېتىملىق تەلەپنامە سۇنۇش ھەرىكىتى. 1932-يىلى ياز پەسلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 25 مىڭ نەپەردىن كۆپرەك ھەربىي ۋاشىنگتونغا توپلىنىپ، قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىگە تەلەپنامە سۇنۇپ، 1924-يىلىدىكى <يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان ياردەم پۇلى قانۇنى> بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن <ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە ياردەم پۇلى> تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 7-ئاينىڭ 28-كۈنى (پەيشەنبە) ھۆكۈمەت ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان. ماكارتۇرنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا ئارمىيە - ساقچىلار تەلەپنامە سۇنغۇچىلارغا ئوق چىقىرىپ باستۇرغان، كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدا بولغان ھەمدە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيىلەرنىڭ ۋاقىتلىق گازارمىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى پايتەختتىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا <قانلىق پەيشەنبە چوڭ قىرغىنچىلىقى> دەپ ئاتالغان.