Uyghur主要词典
پەسلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يۇقىرىدىن پەسكە قاراپ تۆۋەنلىمەك، ئېگىزدىن پەسكە چۈشمەك؛ پەسەيمەك.
ئۈچ ئايروپىلان ئايلىنىپ كېلىپ، بازار ئۈستىدە پەسلىدى.
ئىش - ھەرىكەت ۋە ئادەم روھىي ھالىتىدىكى جىددىيلىك سۇسلاشماق، پەسكويغا چۈشمەك.
ئېتىشىشلار بىردەمدىلا پەسلەپ، بىردەمدىلا ئەۋج ئېلىپ كېتەتتى.
كۆچمە، ئاجىزلاشماق، بوشىماق، تىنچلانماق (ئاۋاز، تاۋۇش ھەققىدە).
نۇرئاخۇننىڭ ئاۋازى پەسلىشى بىلەن ئايالىنىڭمۇ يىغلىغان ئاۋازى پەسلەپ كەتتى.