Uyghur主要词典
پەسەيمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر تەكشىلىك ياكى تۆپىلىككە نىسبەتەن تۆۋەنلىمەك.
- بۈگۈن يەر بىرئاز ئۆسۈپ قالغانمۇ ياكى تورۇس سەل پەسەيگەنمۇ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ ئىبىنسىنا ساۋاقدىشىدىن.
بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى ئادەم روھىي ھالىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىمەك، كۈچسىزلەنمەك، كېمەيمەك، سۇسلىماق.
بوران توختاپ، دولقۇن پەسەيگەندە ئارالدىكى خەلق خۇشال تەنتەنە قىلىشىپتۇ.
<مۇز> تاۋۇش، نوتىنىڭ رىتىم قائىدىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاستىلاپ بارماق؛ تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز، ئاھاڭ ھەققىدە).
بىر پەس جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆكۈيۈن يەنە گەپ باشلىدى ۋە سۆزلىگەنسېرى ئاۋازى پەسىيىپ باردى.