Uyghur主要词典
پەشۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نالايىق ئىش _ ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان قاتتىق ۋە ئاچچىق سۆز، تەنبىھ.
دەردمەنگە دەككە بەرمە. دەشنام يېگىنىم _ بەش نان يېگىنىم. بىرىنچى زەربە ئۇرۇشنىڭ يېرىمىغا تەڭ. قاتتىق سوققا تەلۋىنى تۈزەيدۇ. داۋىخورنىڭ داۋىسىنى بەر.ھورۇن دوق يەيدۇ، باتۇر ئوق. يۇرتىغا ئىشەنگەن پەشۋا يېمەس. قىلغىنىغا يارىشا تېپىك يېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پۇت پەنجىسىنىڭ دۈمبىسى، ئالدى تەرىپى.
پەشۋا ئاتماق. پەشۋا ئۇرماق.
تېپىك.
ئۇ بىر پەشۋاغا يارىماي موللاق ئېتىپ چۈشكەنچە، بىر سائەت قوپالماي ياتتى.
كۆچمە. زەربە، دەشنەم؛ دەككە.
پەشۋا بەرمەك. پەشۋا يېمەك.