Uyghur主要词典
پەقەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: «ھەرگىز ، زادىلا»دېگەن مەنىدە.
ئەقىلغە تايىنىپ ئىش قىلسا پەقەت، تەقدىر يۇلتۇزىدىن ئايرىلماس ئەبەد. گەر كىمگە بولمىسا ئەقىل. بىلم يار، قوشما ئۇنى ئادەم سانىغا زىنھار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەگەر بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا ئويلىسا، بۇ تولىمۇ شەرمەندىچىلىك بولىدۇ. ئىنساننى پەقەت تەرجربىلا ھايات لەززەتلىرىنى قەدىرلەشكە ئۆگىتىدۇ. بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلاردىن بۇ يەردە يالغۇز مەنلا بىخەۋەر ئىكەنمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەۋىش: پېئىلنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنى كۈچەيتىدۇ.
ئۆز ئەسەرلىرىدە ياشىغان ئادەم ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. ئالىيجاناب پىكىرگە ھەمراھ كىشى ھەرگىز يېتىم قالمايدۇ. نىجاسەتكە پاتقان ئەسلا تازا بولماس. گەر كاسىپ مۇساپىر بولسا يات يۇرتتا، قىيىنچىلىق دېگەننى بىلمەيدۇ ئەسلا. ئەتىرگۈلنىڭ نامىنى يۆتكىسىمۇ، خۇش پۇرىقى زادى كەتمەس. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم كىتاب ئوقۇمايدىكەن، باشقىلارنى پەقەت چۈشىنەلمەيدۇ. ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىشقا مۇتلەق يول يوق. ئوقۇماي، بىلمەي ياشىماق ھېچ ئەھمىيىتى يوق ياشاش. خەلققە پايدىلىق پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. يامانلىقنى ئىللا - بىللا بىلمەيمەن، يامانلىقنى ئىللا - بىللا قىلمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
ئەرەبچە
<يالغۇز> دېگەن مەنىدە چەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
مەن پەقەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم.
بولۇشسىز جۈملىدە <ھەرگىز> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
مەن بۇ يەرگە پەقەت كەلمىگەن.