Uyghur主要词典
پەرۋەردىگار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بارلىقىنى ياراتقۇچى، خۇدا:
چۇ گەنجى سىكەندەر بولۇپ ئاشكار،
ساڭادۇر نەسىب لۇتقى پەرۋەردىگار.
ئا. نىزارى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، رەببىم، ئىگەم، دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئىسلام دىنىدا ئاللانىڭ ماھىيەتلىك بولمىغان گۈزەل ئىسمىنىڭ ھۆرمەت بىلەن ئاتىلىشىدۇر. <قۇرئان كەرىم> دە قىسقا ئايەت شەكلى بىلەن كۆپ چىقىدۇ. مەسىلەن: <جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر> (1 - سۈرىنىڭ 2 - ئايىتى). <ئاللا ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەرىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر> (3 - سۈرىنىڭ 51 - ئايىتى). <.... بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر...> (18 - سۈرىنىڭ 14 - ئايىتىدىن).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
بارلىقنى ياراتقۇچى؛ خۇدا.