Uyghur主要词典
پەرى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرى.
گۈزەل، چىرايلىق:
قاچىپ كىردى تەخت ئاستىغە ئول زەمان،
پەرى ئول زەمان بولدى كۆزدىن نىھان.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرى. كۆچمە مەنىسى: چىرايلىق قىز، گۈزەل، سۆيۈملۈك: پەرى پەيكەر - پەرى سۈرەت، گۈزەل، چىرايلىق؛ پەر چېھرە، پەرى رۇخسار - پەرى يۈزلۈك، گۈزەل، چىرايلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي ئەپسانە بويىچە جەننەتتىكى گۈزەل قىز. شۇنىڭغا نىسبەت قىلىنغان بۇ دۇنيادىكى نازىنىن، چىرايلىق قىز.
ھۈرلەر خىزمىتىڭدە بولسۇن. ئەخلاقسىز پەرىنى مەسىت قىلار ھاراق. ھۆرلىقا ھۆرىيەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەپسانىلاردىكى ئىنتايىن گۈزەل قىز قىياپەتلىك، پەرىشتىلەرگە ئوخشىتىلغان ئايال.
كۆچمە. ئىنتايىن گۈزەل، ساھىبجامال قىز؛ نازىنىن.
قىز ھېيتلىق كىيىملەر بىلەن تېخىمۇ ئېچىلىپ پەرىلەردەك بولۇپ كەتكەنىدى.